A Broken
Sword |
سۇنغان قىلىچ |
Translated
by Memet T Zunun |
مەمەتتۇرسۇن زۇنۇن تەرجىمىسى |
|
|
Beneath
me flows a river, gushing strong, Over
a steep hill, I journeyed along. A
broken sword lies before my sight, An
ancient monument, lost in time's flight. While
the other half shines, a diamond's foil. The
gift of battles fought long ago, Excitement
fills my hands, their story to show. My
hands trembled, my heart knew the signs, A
curved sword, crescent moon's design. Ancestors'
essence, their fragrance in the air, I
struggled to breathe, engulfed in their care. Pride
and light shine, never to fade. Though
shattered in battle, no trace of regret, Pride
smiles on the clear blade, undiminished yet. This
tempered sword, unbendable and strong, The
brave in their homeland's furnaces belong. Drinking
the water of oaths, emerging ablaze, Supported
by the fountain, love's guiding rays. Upon
this steep hill, soaked in love profound, The
motherland's battles, an eternal bond. Though
broken, unbreakable, his ties stand tall, Embracing
the land, embracing its call. Never drawn from their sheaths, a dormant strain. When the enemy set foot on our cherished land, Revenge does not shine, courage takes its stand. Gazing dreamily at the sword now shattered, The mirror reflects the battlefield, mattered. This sword in a man's hand, poised to defend, Offering the enemy a chance to amend. Hope's power shatters shield with a determined cry. For every clash of sword against sword's might, This blade shines bright, reflecting the fight. Fortune has struck, the sword breaks in dismay, Its sound echoes, shaking the battlefield's array. Echoing through mountains, a resounding call, As if swords on every peak meet their downfall. Victory's face veiled, a glimpse it takes. Brave warrior fallen, headless from their steed, His horse’s cries echo, the valley heeds. Where is the hero, gazing at the sky's expanse, Men whose blood matches the sword's noble stance? Tracing their lineage from the sun's radiant rays, The earth won't engulf a hero of such grace. But alas, it was a jest, a cruel game, The sword's hilt firmly held, no blame. Celebrating masculinity's fierce reign, In a face shining like marble, no disdain. Like a ruby, it fell into the river's ripple. The river's water splashed upon my face, I felt his call, drawing me to his embrace. |
ئاستىمدا شارقىراپ
دەريا ئاقىدۇ ، ئېشىپ بارماقتىمەن
بىر تىك داۋاندىن. ئالدىمدا بىر سۇنۇق
قىلىچ ياتىدۇ، بىلمەيمەن يادىكار
قايسى زاماندىن. قىلچنىڭ يېرىمى
تۇپراق ئاستىدا ، يېرىمى ئالماستەك
تۇرىدۇ پارقىراپ . بۇ قەدىم جەڭلەرنىڭ
يالدامسىنى ، ھاياجان ئىلكىدە
ئالدىم ئاۋايلاپ . تىترىدى قوللىرىم ،
تونىدى يۈرەك ، ھىلال ئاي ئەگمىسدەك
ئەگرى قىلىچنى . زاتىمنىڭ ھىدلىرى
كەلدى گۈپۈلدەپ ، بىلمىدىم قاي ھالدا
نەپەس ئېلىشنى . قىلچنىڭ بىسىدا قۇياش
جىلۋىسى ، بالقىيدۇ ئىپتىخار
،بالقىيدۇ زەر نۇر . جاراڭلاپ سۇنغاچقا
جەڭدە ئارمانسىز ، سۈزۈك سۇنۇقىدا
كۈلىدۇ غورۇر . تاۋلانغان بۇ قىلىچ
ئېگلمەس بولۇپ ، جەسۇرلار ۋەتىنىنىڭ
ئوچاقلىردا . قەسەم سۈيى ئىچكەن
چىقىپ ئوچاقتىن ، ئاھۇ كۆز مەدەتكار
بۇلاق بويىدا. كەلتۈرگەن قىلچنى بۇ
تىك داۋانغا ، ۋەتەننىڭ سۆيگۈسى
جەڭلەرگە چىللاپ . سۇنغان چېغدىمۇ رىشتى
ئۈزۈلمەي ، تەۋەرۈك تۇپراقنى
ئاپتۇ قۇچاقلاپ . ئويلىدىم شۇنداقمۇ
قىلچلار بار ئىكەن ، بىر قېتىم قېنىدىن
چىقالمايدىغان. باسسا ياۋ ۋەتەنگە
پاسكىنا ئاياغ ، قىساس قەھرى بىلەن
چاقنىمايدىغان. خىيالچان تىكىلدىم
سۇنۇق قىلچىقا ، ئەينەكتەك تېندىن
كۆرۈندى جەڭگاھ . بۇ قىلىچ شىر سۈپەت
بىر ئەر قولىدا ، دۈشمەنگە ۋەيلۇندىن
بەرمەكتە دەرگاھ . چىقىدۇ شىۋىرغان ئوق
ئۈزسە ساداق ، ئۈمىدنىڭ زەرىدە
قالقان قالتىرار . تەككەندە گەجلەشكەن
ھەر بىر قىلىچقا ، بۇ قىلىچ بىسىدىن
چاقنار يالتىرار. ئاھ قىسمەت ،بۈگۈن
مانا سۇندى ئۇ قىلىچ ، جەڭگاھنى لەرزىگە
سالدى شۇ سادا . تاغلاردىن تاغلارغا
ئۇرۇلدى ئەكسى ، ھەر تاغدا بىر قىلىچ
سۇنغاندەك گويا. قۇياشمۇ قارايدۇ
سۇنغاندا قىلىچ ، زەپەرنىڭ يۈزگە
تارتىلدى نىقاپ. باتۇر ئات ئۈستىدىن
غۇلدى باشسىز ، كىشنىدى دۇلدۇلى
زارلىق جىلغىدا . قېنى ئۇ باھادىر ،
قاردىم كۆككە، قېنى ئۇ قىلىچقا
مۇناسىپ ئەرلەر ؟ قۇياشتىن، نۇرلاردىن
ئىزلىدىم ئۇنى ، ئۇنىڭدەك ئوغلاننى
يۇتمايدۇ يەر دەپ . خەيرىھاھ ، قىياھقا
ئايلىنپتۇ ئۇ، قىلىچنىڭ دەستىسى
قاپتۇ ئىلكىدە. تەنتەنە قىلىدۇ
ئەرلىك تەسۋىرى ، مەرمەردەك يالتىراپ
تۇرغان چېھرىدە . يىگىتنىڭ بوينىدىن
تەپچىگەن قانلار ، دەرياغا ياقۇتتەك
چۈشەر تامچىلاپ . ئۇقچىدى يۈزۈمگە
دەريانىڭ سۈيى ، بىلدىمكى ئۇ مېنى
بارماقتا چىللاپ . |
Comments
Post a Comment