The Song of the Mill (Uyghur Poem by Berqi)



 

The Song of the Mill

Berqi 
(In the embrace of the Mediterranean breeze, in the city of Haifa)



Translated by  Mt Zunun

In the gaze of my friend, Jew on one hand, Arab on the other,

Eyes meet mine, questioning, searching for a tether.

"Which side?" they silently implore,

"I'm on the bleeding edge," my response, a declaration, a lore.

"I'm on the tears side," echoes my stand,

In the realm of hope, where dreams paint the sand.


Note: "The Song of the Mill" by Berqi

Berqi penned the poem "The Song of the Mill" during his academic tenure at Haifa University in Israel between 2014 and 2016. The composition, dated October 14, 2015, in Haifa, has been partially translated, encompassing the first six verses.

For those interested, the poem is available in both Uyghur and Arabic. Your exploration of the verses in these languages will provide a richer understanding of Berqi's poetic expression...


تۈگمەن ناخشىسى

بەرقى

‏بىر ياندا يەھۇدى دوستۇم،بىر ياندا ئەرەپ،

‏كۆزۈمگە قارايدۇ سورىماقچى بولغاندەك

‏سەن قايسى تەرەپ؟

‏جاۋاپ بېرىمەن:

‏مەن ئاققان قان تەرەپتە

‏مەن ئاققان ياش تەرەپتە...


Ablet Abdureshid Berqi is a distinguished Uyghur poet and educator who has made significant contributions to literature and education. As an associate professor at a teacher's college, Berqi played a vital role in shaping the academic landscape and nurturing the minds of students. Unfortunately, his commitment to intellectual pursuits and cultural expression led to his detention in 2017.



تۈگمەن ناخشىسى

ئابدۇلئەھەد ئابدۇرېشىت بەرقىي

 (ئەرەبچە - ئۇيغۇرچە)

    (ئۈچىنچى قېتىملىق ئىنتىفادە دېيىلىۋاتقان پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن )

بىر ياندا يەھۇدىي دوستۇم، بىر ياندا ئەرەب

كۆزۈمگە قارايدۇ سورىماقچى بولغاندەك

سەن قايسى تەرەپ؟

جاۋاب بېرىمەن:

مەن ئاققان قان تەرەپتە

مەن ئاققان ياش تەرەپتە...

چۈمىلىگىمۇ بىھۇدە ئازار بېرىشنى خالىمايدىغان ئىنسانمەن

ئادەملەرنىڭ بىر- بىرىنىڭ قېنىنى تۆكۈشى

بىر چۈشتۇر قاباھەتلىك

بىر چۈشتۇر مەن ئويغاق تۇرۇپ كۆرگەن.

يەھۇدىلار جازا لاگېرىدا

قىرغىن قىلىنغاندا

بىللە ئىدىم ئۇلار بىلەن.

يۈرىكىم ئۇلارغا ئەگىشىپ

ئۇلاردىن بۇرۇن

زەھەرلىك گاز ئۆيىگە كىرگەن ...

ئەرەبلەر ئۆز ئۆيىدىن قوغلانغاندا

ئۆزى تىكىپ ئۆستۈرگەن زەيتۇن ۋە خورمىلار

يانغاندا ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە

يانغان ئىدىم ئۇلار بىلەن.

ئۇرۇشنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان نارىسىدەنىڭ

كۆكسىنى ئوق تېشىپ ئۆتكەندە

مېنىڭ يۈرىكىممۇ بىللە تېشىلگەن...

بىر ئاتىنىڭ بالىلىرى

بىر-بىرىگە تىغ تەڭلىسە

تېگىدۇ ئاشۇ تىغ ئاۋال مېنىڭ يۈرىكىمگە.

قېنى ئېيتىڭلار

قايسى تەرەپتىمەن؟

تارىخ نېمە ئۇ؟

بىرى ئۆلتۈرۈلسە قىرغىنچىلىق

يەنە بىرى ئۆلتۈرۈلگەندە 

كۆزى كۆرمىسە ھېچكىمنىڭ...

مەن ئەشۇ ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن بىللە.

پەقەت سىلەرگە دېگۈم كېلەر

ھاياتىڭلار ۋە ئۆلۈمىڭلار

قىممەتلىك ئافرىقىلىقلارنىڭكىدىن

بېرمىلىق مۇسۇلمان ۋە ئازسانلىقلاردىن.

سىلەر تانكىغا تاش ئاتساڭلار

پۈتۈن دۇنيا تەڭلەر كامېرا..،

سىلەرنىڭ ۋۇجۇدۇڭلارغا تەگسە پىچاق

پۈتۈن دۇنيا كېلەر ھەرىكەتكە...

قان ئىچىدە ئەمما ئافرىقا

قان ئىچىدە ئەمما سۈرىيە

قان ئىچىدە نۇرغۇن - نۇرغۇن يەر.

يەھۇدىي دوستۇم، ئەي ئەرەب دوستۇم

بىلمەيمەن مەن قايسى تەرەپ

ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىم

ئاققان قان بىلەن

چۆكۈپ كەتتى يەرنىڭ تەكتىگە.

قارا ئەمەس بولسىمۇ

بەزىلەر قارا دەيدىغان...

ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىم

قۇرۇپ كەتتى ئاققان يېشىغا ئەگىشىپ 

نەچچە مىڭلاپ ئۆلۈپ كەتسىمۇ 

ھېچكىم دىققەت قىلمايدىغان 

كىشىلەرنىڭ ...

2015-يىلى 14-ئۆكتەبىر خەيفا



أغنية الرحى

بمناسبة الإنتفاضة الثالثة في حرب فلسطين وإسرائيل . 

بقلم . عبد الأحد عبد الرشيد برقي

على يميني صديقي اليهودي ، وعلى يساري عربي يحدقان بي ، وكأنهما يريدان أن يسألاني : في أي طرف أنت ؟ فأقول مجيبا : 

أنا حيث الدماء المسفوكة .. 

أنا حيث الدموع المهراقة .. 

حتى أنني إنسان لا أتجرأ على إيذاء نملة من غير سبب 

سفك دم البشر بعضهم لبعض كابوس رهيب رأيته وأنا يقظ .. 

عندما أحرق اليهود في المحرقة التاريخية كنت معهم .. 

تعلق قلبي بهم ، حتى أنه دخل الغرفة المملوءة بالغازات السامة قبلهم .. 

وعندما طرد العرب من منازلهم ، 

حين اندلعت حروب النخل والزيتون التي زرعوها كنت معهم .. 

وحين اخترقت الرصاصة قلب الطفل البريئ الذي لا يعي  معنى الحرب ، انفلق قلبي أيضا .. 

إذا هاجم أبناء الأب الواحد بعضهم بأدنى آلة حادة ألا وهي الشفرة ؛ كانت تصيبني أولا قبلهم .. 

فأخبروني .. في أي طرف أنا ؟ 

ما هو التاريخ ؟ 

حين يقتل ويذبح شخص .. 

إثر المجازر الدامية .. 

فلا يراه أحد .. ولا يعلم به أحد .. 

فأنا مع ذاك القتيل .. 

فقط أريد أن أخبركم .. 

ليست حياتكم أغلى وأثمن من دماء الأفارقة والبورميين والأقليات من هؤلاء .. 

عندما تقذفون الدبابات بالحجارة .. 

فكل العالم تتوجه بكاميراتها إليكم .

إذا أصيب كيانكم بضربة سكين فإن العالم كله يهمُّ بالتحرك لأجلكم .. 

أفريقيا .. تخوض في الدماء .. 

سوريا .. تخوض في الدماء .. 

وتخوض في الدماء .. بلاد كثيرة .. 

صديقي اليهودي .. صديقي العربي .. 

لا أعلم في أي طرف أنا وإلى أي جبهة أنتمي .. 

ملكتي التي أحكم بها على الأشياء .. 

غاصت مع الدماء المهراقة ، دفنت في قاع الأرض . 

صحيح أنه ليس بأسود .. 

ولكن البعض يقولون بسواده .. 

إن ملكة الحكم خاصتي ؛ 

جفت مع الدماء التي تبعها أصحابها ، حيث أنهم يموتون ألف مرة .. 

ولا أحد يلاحظهم أو ينتبه إليهم ... 

ترجمة : شمس الدين قارىم

Comments